作词 : mominjan-yibibulla
作曲 : Yakupjan-Baki
ئاق خالاتلىق پەرىشتە
نامىڭ ئۇلۇغ ئەزەلدىن ئاق خالاتلىق پەرىشتە
پىدا قىلدىڭ جېنىڭنى ئەلگە باغلاپ چىن رىشتە
داۋا ئىزلەپ خەلققە سالامەتلىك بېرىشتە
رەھمىتىمنى مەن ساڭا ئېيتاي قانداق پەرىشتە
پىدا قىلدىڭ جېنىڭنى ئەلگە باغلاپ چىن رىشتە
رەھمىتىمنى مەن ساڭا ئېيتاي قانداق پەرىشتە
بىمار ئۈچۈن تېنىڭدە ئۇرغۇپ تۇرغان جاسارەت
ئىللىق مېھرىڭ بېغىشلار بىمارلارغا ھارارەت
شۇڭا دەيمىز سىلەرنى مەڭگۈ بولسۇن سالامەت
جاپا تارتتىڭ بىز ئۈچۈن ئاق خالاتلىق پەرىشتە
پىدا قىلدىڭ جېنىڭنى ئەلگە باغلاپ چىن رىشتە
رەھمىتىمنى مەن ساڭا ئېيتاي قانداق پەرىشتە
تەييار تۇردۇڭ ھەر قاچان داۋالاشتا بىزلەرنى
قېرىنداشتەك كۆيۈنۈپ سىلىق قىلىپ سۆزلەرنى
غەمكىن كۆڭۈل شادلىنىپ كۈلكە باستى يۈزلەرنى
خىزمىتىڭدىن بىز رازى ئاق خالاتلىق پەرىشتە
پىدا قىلدىڭ جېنىڭنى ئەلگە ، باغلاپ چىن رىشتە

热门推荐| 1 | |
|---|---|
| 2 | |
| 3 | |
| 4 | |
| 5 | |
| 6 | |
| 7 | |
| 8 | |
| 9 | |
| 10 |