作曲 : Alim-Abdulla
编曲 : Alim-Abdulla
ئېگىز تاغنىڭ قار لەيلىسى
كۆمۈش قارى بار،
بۇ ئۆمۈرنىڭ ياز ۋە كۈزى
نەۋ باھارى بار.
ئالەم چەكسىز ئۆمۈر چەكلىك
قىممەتلىك بايلىق ،
قايتىپ كەلمەس گۈزەل ياشلىق
شىرىن ھەم تاتلىق
ھەر يىل باھار كېلەر ئەمما
ئوخشىماس پەقەت ،
ئۆتكەن كۈنلەر قايتىپ كەلمەس
چەكسەڭمۇ ھەسرەت .
ھەر ئىشىڭغا جان پىدا قىل ،
بىل ئۇنى ئەۋزەل ،
ئۆتكۈز ئالتۇن ياشلىقىڭنى
مەزمۇنلۇق ھەم گۈزەل .
ئالەم چەكسىز ئۆمۈر چەكلىك
قىممەتلىك بايلىق ،
قايتىپ كەلمەس گۈزەل ياشلىق
شىرىن ھەم تاتلىق
ھەر يىل باھار كېلەر ئەمما
ئوخشىماس پەقەت ،
ئۆتكەن كۈنلەر قايتىپ كەلمەس
چەكسەڭمۇ ھەسرەت .
ھەر ئىشىڭغا جان پىدا قىل ،
بىل ئۇنى ئەۋزەل ،
ئۆتكۈز ئالتۇن ياشلىقىڭنى
مەزمۇنلۇق ھەم گۈزەل .

热门推荐| 1 | |
|---|---|
| 2 | |
| 3 | |
| 4 | |
| 5 | |
| 6 | |
| 7 | |
| 8 | |
| 9 | |
| 10 |