Mayira Alim-Meyli Biling歌曲免费下载

《Mayira Alim-Meyli Biling》歌曲详情

قارا-قارا قاغىلار، قايرىلىپ ئۇچتى،

ھويلاڭدىكى چىنارىڭنىڭ شېخىغا قوندى.

قارا-قارا قاغىلار، قايرىلىپ ئۇچتى،

ھويلاڭدىكى چىنارىڭنىڭ شېخىغا قوندى.

كىشىنىڭ يارى يانىدا، كۈندە مۇڭداشتى،

مېنىڭ يارىم يىراقلاردا، كۆزۈمدىن ئۇچتى.

كىشىنىڭ يارى يانىدا، كۈندە مۇڭداشتى،

مېنىڭ يارىم يىراقلاردا، كۆزۈمدىن ئۇچتى.

مۇزىكا

سېنى دەيمۇ، سېنى دەيمۇ، ئا يارىما،

سېنى كۆرمەي ئۆلەرمەنمۇ، ئا يارىما.

سېنى دەيمۇ، سېنى دەيمۇ، ئا يارىما،

سېنى كۆرمەي ئۆلەرمەنمۇ، ئا يارىما.

سېنى كۆرمەي ئۆلۈپ كەتسەم، ئا يارىما،

مۇرادىڭغا يېتەرسەنمۇ، ئا يارىما.

سېنى كۆرمەي ئۆلۈپ كەتسەم، ئا يارىما،

مۇرادىڭغا يېتەرسەنمۇ، ئا يارىما.

مۇزىكا

ئېگىز-ئېگىز تاغ باشىدىن سىيرىلدىم تۈزگە،

قىزىل گۈلنىڭ غۇنچىسىدەك ئېگىلدىم سىزگە.

ئېگىز-ئېگىز تاغ باشىدىن سىيرىلدىم تۈزگە،

قىزىل گۈلنىڭ غۇنچىسىدەك ئېگىلدىم سىزگە.

مەيلى بىلىڭ، مەيلى بىلمەڭ، مەن كۆيدۈم سىزگە،

ئىشقىڭىزدا كۆيۈپ ئۆلسەم، ئۇۋالى سىزگە.

مەيلى بىلىڭ، مەيلى بىلمەڭ، مەن كۆيدۈم سىزگە،

ئىشقىڭىزدا كۆيۈپ ئۆلسەم، ئۇۋالى سىزگە.

ئىشقىڭىزدا ئۆلۈپ كەتسەم، ئۇۋالى سىزگە.

下载地址:

此为隐藏内容,需人机验证后查看下载!