rozi beg-Eslide 原来歌曲免费下载

《rozi beg-Eslide 原来》歌曲详情

作曲 : rozi beg

编曲 : rozi beg

ئەسلىدە

سېنىڭ مېنى سۆيدۈم دىگىنىڭ،

بىلدىم قۇرۇق گەپكەن ئەسلىدە.

ۋىسال ئەمەس ماڭا بەرگىنىڭ،

داۋاسى يوق دەرتكەن ئەسلىدە.

قانداق قىلاي بىلەلمىدىم ھېچ،

ساق يۈرۈكۈم بوپ قالدى زىدە،

يالغۇزلۇقۇم ياخشىكەن بىلسەم،

سۆيمىسەمچۇ سېنى ئەسلىدە.

نىچۈن مېنى قىينايسە بۇنچە،

نېمە ئوي بار بىلمىدىم سەندە.

يالغانمىدى ماڭا كۆيگۈنۈڭ،

كىمنى سۆيگەن ئۆزۈڭ ئەسلىدە.

سېنى شۇنچە سۆيگۈنۈم ئۈچۈن،

ساڭا باققان ئىدىم ھەممىدە،

سۆيمىگەننى سۆيۈپ ھاياتتا،

مەن ئۆزۈمگە قىلدىم ئەسلىدە.

下载地址:

此为隐藏内容,需人机验证后查看下载!