Ali- BAG-Kalma Amdi歌曲免费下载

《Ali- BAG-Kalma Amdi》歌曲详情

作词 : Ali- BAG

作曲 : Ali- BAG

编曲 : Ali- BAG

يوللىرىڭغا ئىنتىزار بولدۇم

ھېچ كەلمىدىڭ ھەسرەتكە تولدۇم

كەچ كۈزدىكى غۇنچىدەك سولدۇم

كەلمە ئەمدى ئۇنۇتقىنىمدا

خىياللاردىن ئىزدەيتتىم بىدار

سېغىنىشلار قىلغاندا بىمار

كۆنۈپ قالدىم يالغۇزلۇققا يار

كەلمە ئەمدى ئۇنۇتقىنىمدا

كەلمە ئەمدى، كەلمە ئەمدى

ئۇنۇتقىنىمدا يار

كەلمە ئەمدى، كەلمە ئەمدى

ئەي ، بىۋاپا يار

بۈگۈن يەنە كېلىمەن دەپ بېرىپسەن خەۋەر

كەلمە ئەمدى ئاۋارە بولما

مېنى يالغۇز ئويلىما ئەسلا

مەن يالغۇزغا يالغۇز بار يەنە

مېنى يالغۇز ئويلىما ئەسلا

مەن يالغۇزغا يالغۇز بار يەنە

سەن مېنىڭدىن مەن سەندىن ئادا

كەلمە ئەمدى ئۇنۇتقىنىمدا

سۆيۈپ دىلغا نامىڭنى ئويدۇڭ

لېكىن يالغان سۆيگىدىن تويدۇم

تۇيغۇلىرىمنى يۈتتۈرۈپ قويدۇم

كەلمە ئەمدى ئۇنۇتقىنىمدا

كەلمە ئەمدى، كەلمە ئەمدى

ئۇنۇتقىنىمدا يار

كەلمە ئەمدى، كەلمە ئەمدى

ئەي ، بىۋاپا يار

بۈگۈن يەنە كېلىمەن دەپ بېرىپسەن خەۋەر

كەلمە ئەمدى ئاۋارە بولما

كەلمە ئەمدى ئاۋارە بولما

下载地址:

此为隐藏内容,需人机验证后查看下载!