Jaris-Kechur dada歌曲免费下载

《Jaris-Kechur dada》歌曲详情

作词 : Jaris

作曲 : Jaris

مېنى كەچۈرگىن دادا

بۇرچۇمنى قىلماي ئادا

مېنى كەچۈرگىن دادا

ئۆزۈمدىن ئۆكۈنىمەن

سەندىن ئۆتۈنۈمەن

تۇنجى قېتىم ساڭا كاناي كىرىپ ۋارقىرىغان چېغىمدا

ئۆزۈمنى چوڭ بولغاندەك ھېس قىلغان ئىدىم دادا

پەخىرلەنگەن ئىدىم ساڭا ۋارقىرىيالىغىنىم ئۈچۈن

بىلمەپتىمەن يۈرىكىڭ يىغلاپتىكەن دادا

قامچىلاپ ئۇرغىنە مېنى تۇزكۇر دېگىنە مېنى

ئېزىپتۇ بالاڭ دادا كەچۈرگىن مېنى

ئەقىلسىز نادان ئىكەنمەن ۋىجدانىم قېنى

مەن ناكەسنى تاپقىنىغا رەنجىتتىم سېنى

ھەر بىر ئىشتا كۆكرەك كىرىپ داداڭ بار دېدىڭ

كەلگۈسىدىكى ئىز باسارىم بالام بار دېدىڭ

ئەپسۇس مەنچۇ يۈرىكىڭنى قايتا تىلدىم تىغ بىلەن

يۈرەك پارەم پۇشتۇم دېدىڭ ئازار بەرسەم چىدىدىڭ

مۈرەڭگە ئېلىپ كۆتۈرگەن ئىدىڭ دادا مېنى

ئەپسۇس مەن سېنى يەر بىلەن يەكسان قىلدىم

ھە دېسىلا ئىش تېپىپ بەردىم ئارامچىلىق بەرمىدىم

دادا غەملىرىڭنى سەكسان قىلدىم

ماغدۇرۇڭنى يېدىم دادا تېنىڭدىكى پارازىتتەك

ساڭا يەتكەن قېرىلىق ھاياتىڭغا بىشارەتتەك

قاداق باسقان قوللىرىڭ تارتۇق قالغان جاراھەتتەك

ھالىڭغا بىر يەتمىگىنىم مەن ئۈچۈن بىر جىنايەتتەك

دادا كۆڭلۈڭ مەندىن رەنجىدى

چوڭ بولىۋېلىپلا بالىلىرىڭ ئۆز ئەقلىدىن ئالجىدى

غورۇرۇڭغا پىسەت قىلماي يەرگە تاشلاپ يانجىدى

گەپلىرىنى قوپال قىلدى يۈرىكىڭگە سانجىدى

ئائىلەم دېدىڭ دادا جاپالىرىڭ نۇرغۇن

تىرىكچىلىكتە چارچاپ كەتتىڭ كەيپىياتىڭ سولغۇن

سەن بولغاچقا ئىسسىق ئۆيدە يولۇقمىدۇق جۇدۇن

نەچچە ئوغلۇڭ تۇرۇپ ئۇچاڭغا ئارتالمىدۇق دۇردۇن

بولالمىدۇق ياخشى ئوغۇل ئەمەس ياخشى بالا

قىلچە مەندىن رەنجىمەيتىڭ تېپ بەسەممۇ بالا

ئەسكەرتەتتىڭ ياخشى ئىشنى ئۆگەتمەيدۇ ئۇلا

بەڭۋاش بالاڭ خاتالاشتى ئەمدى قانداق قىلا

خاتالىقىم كۆپ دادا تونۇپ ياتتىم ئاخىر

رازىلىقىڭنى ئېلىشقا بولالامدىم داخىل

مىسرالاردا پىخانىم ئەمەس ئۇنچە نادىر

ئازار بەردىم كۆڭلۈمگە قىلدىم قايتا سادىر

مېنى كەچۈرگىن دادا

بۇرچۇمنى قىلماي ئادا

مېنى كەچۈرگىن دادا

ئۆزۈمدىن ئۆكۈنىمەن

下载地址:

此为隐藏内容,需人机验证后查看下载!