غەيۋەتلەرگە قىلمىغىن پەرۋا،
قۇسۇر تېپىپ ھارمايدۇ ئۇلار.
مىڭ ياخشىلىق قىلساڭمۇ يەنە،
بىر ياخشى دەپ باقمايدۇ ئۇلار.
بولغان بىلەن سۆزلىرى بالدەك،
گەپ توشۇشقا ياماندۇر ئاتتەك،
قېتىپ بولغاچ يۈرىكى تاشتەك،
سېنى ساختا ماختايدۇ ئۇلار.
ئۆز ئىشىڭغا بولۇپ سەن پۇختا،
ياشا دوستۇم خۇشال قايغۇرما،
كۆز يېشىڭنى تۆكسەڭمۇ قارا،
ئەسلا نەزەر سالمايدۇ ئۇلار.
ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنما ئۇنى،
ئۆزگەرمەيدۇ ئۆلسىمۇ خۇيى،
سىنىغانلار ئاز ئەمەس بۇنى،
مەڭگۈ توختاپ قالمايدۇ ئۇلار.

热门推荐| 1 | |
|---|---|
| 2 | |
| 3 | |
| 4 | |
| 5 | |
| 6 | |
| 7 | |
| 8 | |
| 9 | |
| 10 |